United Coder

United Coder

Share

Contact information, map and directions, contact form, opening hours, services, ratings, photos, videos and announcements from United Coder, Science, Technology & Engineering, 8950 Maryland 108, Columbia, MD.

Photos from United Coder's post 05/26/2026

ئەسسالام قېرىنداشلار،
سىلەرگە قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىدا بىر خوش خەۋەر ئېلىپ كەلدىم. ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ سۈنئى ئەقىل تېخنىكىسىنى ھەم سېستىمىلىرىنى ئىشلىتىپ، سۈنئى ئەقىل تەرەققىياتىغا ماسلىشىشغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەكتەپ تورىنى سۈنئى ئەقىل ئۈستىگە قۇرۇلغان سۇپىغا ئايلاندۇرۇپ ياساپ چىقتىم. بۇ سېستىما بىلەن، ئىشلەتكۈچىلەر سۈنئى ئەقىل ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈش، ئېنگىلىزچە ئۈگۈنۈش، رەسىم چىقىرىش، يېزىق ئالماشتۇرۇش، ساياھەت پىلانى تۈزۈش، پائالىيەت پىلانى تۈزۈش، خىزمەت ئۈچۈن رېزىمنى ساقلاش ھەم تۈزەش، خىزمەت ئىلتىماسى خەتلەرنى چىقىرىش ، ئېنگىلىزچە خەتلەرنىڭ كۈڭۈل تەھلىلنى ئانالىز قىلىش ھەم پاراڭلىشىش قاتارلىق ئىشلارنى ئېلىپ بارالايدۇ. سۈنئى ئەقىل سېستىمىسىنىڭ ئارقا سەپ سۇپىسىدىكى مۇلازىمەتچى ماشنا ، سانلىق ئامبىرى ھەم سۈنئى ئەقىل مودىلى قىممەت بولغاچقا، سېستىمىنىڭ بارلىق ئىقتىدارلىرىنى مەلۇم مىقداردا چەكلىمە بىلەن ھەقسىز ئىشلىتىپ، داۋاملىق ئىشلىتىشنى ئۇيلاشسىڭىز، ئايلىق پۇل تۆلەيسىز. ئۇيغۇر بولغاندىن كىيىن ھەقسىز قىلسا بولمامدۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق بىر سۇپىنى لاھىيەلەش ئۈچۈن ، ئۇزۇن يىللىق تېخنىكا تەجىربىسى، ۋاقىت ھەم ئىقتىساد كىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇيغۇر بولغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ ئەمگىگىنى ئەملى ئىشلىتىش ئارقىلىق قوللاڭ. سېستىمىنى ئىشلىتىش توغرۇلۇق ، سىن ئىشلەپ تورغا چىقىرىمەن. ئىشلىتىش جەريانىدا مەسلە بايقىسىڭىز ياكى باشقا ئىقتىدارىغا ئېھتىياجىڭىز بولسا، پىكىر بەرسىڭىز، سېستىمىنى ئوزلۈكسىز مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىمەن.
تۈۋەندىكى تور ئادرىسى بىلەن كىرىپ، ئېلىخەت ئارقىلىق ئاكانت قۇرىسىز. ئېلىخەت ئادرىسىڭىزنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، سېستىمىنى ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ. سۈنئى ئەقىلدىن ئۇچۇر تەلەپ قىلغاندا، سۈنى ئەقىل ئۈچۈن ئازراق ئويلىنىش ۋاقتى لازىم، شۇڭلاشقا سېستىما سەل ئاستا بولسا، سەۋرىچان بۇلۇڭ. سېستىمىنى ئىشلىتىش سىزگە قالدى. رەھمەت.
https://uyghurschool.com

Photos from United Coder's post 06/07/2025

2025 ❤️

Want your business to be the top-listed Engineering Company in Columbia?
Click here to claim your Sponsored Listing.

Telephone

Address


8950 Maryland 108
Columbia, MD
21045

Opening Hours

Monday 4pm - 8:30pm
Tuesday 4pm - 8:30pm
Wednesday 4pm - 8:30pm
Thursday 4pm - 8:30pm
Friday 4pm - 8:30pm
Saturday 9am - 4pm